خالىق) تارىختا كۈسەن دەپ ئاتالغان قەدىمىي ماكان_ كۇچا، قەدىمكى غەربىي دىيارنىڭ مەدەنىيىەت سەھنىسىدە چاقنىغان يۇلتۇزدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ تاغ-دەريالىرىغا مۇشۇ ئۇزاق دەۋرلەر مابەينىدە يۈز بەرگەن ھەر قېتىملىق ئىجتىمائىي، تارىخىي، سىياسىي، دىنىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىزنالىرى پۈتۈلگەن بولۇپلا قالماي يەنە بۇ ماكاندا ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھەر خىل قەۋملەرنىڭ ئىنتايىن مول ھەر خىل يالدامىلىرىمۇ قالغان . بۇ تارىخىي ئىزلارنىڭ ئىچىدىكى قىزىل مىڭئۆيى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى،قىزىلقاغا مىڭئۆيى ۋە قىزىلياربۇددا غارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تاملىرىغا ئۇيۇلغان تام سۈرەتلىرى قاتارلىق يىراق قەدىمكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ يالدامىلار ھەمدە ئۇلاردىن تېپىلغان ھەر خىل يازما ماتېرىياللار ھازىرمۇ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىىسىنى ۋە چەتئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىنى زىننەتلەپ تۇرماقتا. قەدىمكى كۇچالىقلار ئۆزىنىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىدى پايدىلىنىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-3-ئەسىرلەردىلا بۇددا دىنى بىلەن ئۇچرىشۇپ ۋە ئۇنى تەدرىجىي ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىغا تارقىتشتا مەلۇم دەرىجىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغاندۇر. 20 -ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىن تارىپ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ياۋروپا ۋە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ كۇچادا ئېلىپ بارغان بىرقانچە قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدىن بايقىشىمىزچە مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋاقىتلاردا قەدىمقى كۇچادا ياشىغان ئاتا – بوۋىلىرىمىز مەدەنىيەتتە خېلى ئالدىغا كەتكەن بولۇپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان يېزىقتىن قوللىنىشنى بىلگەنىدى.ئولار دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مانى يېزىقى، براھمى يېزىقى ۋە قارۇشتى يېزىقلىرىنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىي ھاياتىنى خاتىرىلىگەن ۋە بىزگە ھېسابسىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرغان. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، كۇچا غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى جۇغلانغان مەركەز بولۇپ ئۇ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكەللىك رولىنى تاكى يېقىنقى دەۋرلەردە يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تارىختىكى بۆيۈك يىپەك يولى ئۆز سەلتەنەتىنى يوقاتقانغا قەدەر جارىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۇچادا بايقالغان ۋە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلاركۇچانىڭ ھەر بىر تاغ، سەھرالىرىغا دېگۈدەك جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، مەدەنىيەت مەزمۇنى، مەدەنىيەت تەۋەلىكى جەھەتتىن بىر بىرىگە ئوخشاشمايدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە دەۋر جەھەتتىن ئىنتايىن قەدىمىي بولغان، ئىلگىرى بايقالغان ھېچقانداق بەلگىگە (يېزىققا) ياكى تامغىغا ئوخشىمايدىغان بىر تاشپۈتۈككە ئۇيۇلغان سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە تەتقىق قىلىپ يېشىشىمىزنى كۈتىدۇ. بۇ بولسىمۇ كۈچا ناھىيىسى قوزغۇن چارۋۇچىلىق فېرمىسى تېكىلىك جىلغىسىنىڭ بۇلاق تېكىلىك يايلىقىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر پۇتۇلگەن تاش پۇتۇكتۇر. بۇ تاشپۈتۈك كۈچا ناھىيە بازىرىدىن 155كىلومېتىر شىمالدىكى تېكىلىك جىلغىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، سۇنئى ھەمرا ئورۇن بەلگىلەش ئۇسكىنىسى بىلەن بېكىتىلگەن ئېنىق جۇغراپىيلىك ئورنى (كوردىناتى ) : شىمالى كەڭلىك 42’31’57’15’’Nشەرقى مېردىئان ‘’E 83’10’06.50بۇلۇپ ، دېڭىز يۇزدىن ئىگىزلگى 2800مېتىر . بۇ تاشپۈتۈك جايلاشقان جىلغا قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ كۈچادىن بايىنبۇلاق ئارقىلىق شىمالى شىنجاڭغا ئۇتىدىغان كارۋان يۇلى ئۇستىگە جايلاشقان . بۇ تاشپۈتۈكنى شۇيەرلىك چارۋۇچى ئابدۇكېرەم سابىر 1997- يىلى چارۋا بېقىش جەريانىدا بايقىغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىدە قەغەزگە ئەينەن كۇچۇرۋېلىپ ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈچا ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇخېلىل خالىق ئەپەندى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بۇ ئىشنى ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا مەلۇن قىلىدۇ. كومىتېت رەھبەرلىكى بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىشكە ماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاپتونۇم رايونلۇق تىل – يېزىق خىزمىتى كومېتىتىدىن تاھىر ئابدۇۋەلى ، كۈچا ناھىيلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئابدۇخېلىل خالىق ، كۈچا ناھىيلىك چارۋۇچىلىق ئىدارىسىدىن مۆھسىنجان، ناھىيىلىك ئوتلاق پونكىتىدىن قاھار تۇرسۇن، ئەسقەرجان ، قۇزغۇن چارۋۇچىلىق فىرمىسىدىن ئابدۇرەھىم قارى ، ئابدۇكېرەم سابىر ، ئابدۇسالام تۇرسۇن قاتارلىق يولداشلار كۈچا ناھىيسىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلىقى بىلەن بۇلاق تېكىلىك يايلىقىدىكى تاشپۈتۈككە ئۇيۇلغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى ئىلمى نوقتىدىن تەكشۇرۇش ، ئورۇن بەلگىلەش ۋە سۇرەتكە ئېلىشقا بېرىپ ئۈچ كۈنلۈك جاپالىق خىزمەت ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەدكە يېتىپ قايتىپ كېلىدۇ. شۇ يەرلىك چارۋۇچىلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، بۇ تاشپۈتۈكلەر ئەينى ۋاقىتتا بىر قانچە جايدىكى قىيالاردا بۇلۇپ ، ئۇزۇن يىللىق بوران – چاپقۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقى ، كۈن نۈرىنىڭ قىزدۇرىشى بىلەن ئۇپراپ كەتكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق يىللار داۋامىدا كەلكۈن سۇيىنىڭ يالىشى بىلەن بۇ قىيالار داۋاملەق گۇمۇرلۇپ تۇرغاچقا، بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئۇيۇلغان تاشپۈتۈكلەر جىلغا ئىچىگە چۇشۇپ نۇرغۇنلىرى غايىپ بولۇپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تاشپۇتۇك ھازىر جىلغا قىرغىقىدىن تەخمىنەن 20 مېتىر ئىچكىرسىدىكى ئېقىن سۇدا تۇرۇپ قالغان بۇلۇپ ، توت ئەتىراپىدىن سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. يەرلىك چارۋۇچىلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، كان ئېچىش تۈپەيلى ۋە سەيلى – ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ يەرگە كېلىدىغان كىشلەرنىڭ كۆپىيشى بىلەن، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەرئۇيۇلغان تاشپۈتۈك ئەتىراپىغا بايلىق يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۈمكىن دىگەن مەقسەتتە ئەتراپتىكى جىرا ۋە غارلارنى قالايمىقان قازغان، ھەتتا چەتئەلىك ساياھەتچىلەرنىمۇ باشلاپ كىرىپ كۆرسەتكەن. تەكشۇرشىمىزگە ئاساسەن بۇ سىمۋۇللۇق بەلگىلەر تاشپۈتۈككە مىتال ئەسۋاپلار بىلەن ئۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ بەلگىلەرنڭ ھازىرقى ئۇيۇلۇش چۇڭقۇرلىغى 7- 8 مىللىمېتىر ئەتىراپىدا بولسىۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭدىن خېلى چۇڭقۇر ئۇيۇلغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تاشپۈتۈكتىكى سىمۋۇللۇق بەلگىلەر بىرتۈز سىزىق ئۇستىگە ئۇيۇلغان بولماستىن بەلكى سەل ئىگىز – پەس ھالەتتە تىزىلغان 5 دانە بەلگىدىن تەركىب تاپقان. بۇ بەلگىلەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىگى ئوخشاش ئەمەس، ھەمدە يېزىلىش يۆلىنىشىنىمۇ بەلگىلەش قىيىن . بۇ بەلگىلەرنىڭ زادى نېمىگە سىمۋول قىلنغانلىقى، ئۇنىڭ بىر خىل تەسۋىرىي يېزىق ياكى يايلاقنىڭ چېگرىسىنى ئايرىيدىغان بەلگە ۋە ياكى يول كۆرسەتكۈچ بەلگە ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلش ھازىرچە بالدۇر . قارىشىمىزچە بۇ بەلگىلەر تەسۋىرىي يېزىق تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ يالدامىسى بولۇشى، ئۇ قەدەمكى كۇچالىقلار يېزىق قوللىنىتىن بۇرۇنقى بىر دەۋرلەردە پۇتۈلگەن بولۇشى مۈمكىن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ نەق مەيداننى ياخشى قوغدىشىغا ھەمدە بۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق ۋەزىپىسى ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:
سۈرەتتە ئوڭدىكى كىشى بۇ قېتىملىق ئىلمى تەكشۈرۈشنى تەشكىللىگۈچى ۋە ماددى جەھەتتىن ياردەم بەرگۈچى ئابدۇخېلىل خالىق ئەپەندى. سولدىكى كىشى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمېتى كومىتېتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تاھىر ئابدۇۋەلى.
تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى كىشى بۇ بەلگىلەرنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ئابدۇكېرىم سابىر
بۇ بەلگىلەرنىڭ قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن نۇسخىسى
سۈرەتتە سولدىن بىرىنچى كىشى يەرلىك چارۋىچى ئابدۇسالام تۇرسۇن، ئىككىنچى كىشى ئابدۇكېرىم سابىر، ئۈچۈنچى كىشى تاھىر ئابدۇۋەلى، تۆتىنچى كىشى مۇسا قارى