2008年9月20日星期六

تىل- يېزىق تورى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋىتىلدى

تورى» 2008- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋىتىلدى.
تىل- يېزىق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قوش تىللىق نەشرىنى ئىشلەش خىزمېتى 2006- يىلى 9- ئايدا باشلانغان بولۇپ، تەتقىقات باشقارمىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان لايىھەلەش، كود يېزىشى، مۇناسىۋەتلىك باشقارمىلارنىڭ ماتىرىيال توپلاش، ماتىرىيال تەرجىمە قىلىش، كىرگۈزۈش، سىنىشى نەتىجىسىدە ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى.
تىل- يېزىق تورىنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەتنىڭ تىل- يېزىققا ئائىت قانۇن- نىزام، سىياسەتلىرىدىن خەلقنى خەۋەردار قىلىش، تىل- يېزىق ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، مىللى تىل- يېزىقنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنى بىكىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تىل- يېزىق تەتقىقاتىغا قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىشتىن ئىبارەت.
تىل- يېزىق تورىغا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە بولۇپ 800 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان 250 دىن ئارتۇق سانىنىڭ مۇندەرىجىسى، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى، كومېتىت تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىنگىلىزچە- خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە 150 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالغۇ قوشۇلغان.
ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قوش تىللىق تىل- يېزىق تورىنىڭ بارلىققا كىلىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئورگان تور بەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نەشىرلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئۈلگە ۋە تۈرۈتكە بولغۇسى.
تىل- يېزىق تورى ھازىر ئىدارە ئىچىدە سىناش باسقۇچىدا بولۇپ، ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن سىناق خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە سىرىتقى قىسىمغىمۇ ئېچىۋىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىۋىلىشىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
پىكىر- تەكلىپ، ئىنكاس قۇبۇل قىلىش خەت ساندۇقى: TilYeziq@Gmail.com پىكىر- تەكلىپ، ئىنكاس ئېلىش مۇنبىرى: http://www.xjyw.gov.cn/Web/Forum/ (توپلاپ، باشقۇرۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن باشقا مۇنبەرلەردە پىكىر- تەكلىپ ئېلىنمايدۇ)

1

.