2008年9月20日星期六

تىلشۇناسلىق دوكتۇرى ئايسىما مىرسۇلتان ئىلمىي دوكلات بەردى

مىرسۇلتان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپىكە بىنائەن گېرمانىيە ۋە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائى پەن تەتقىقات كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە گۆتتېنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىگە بېرىپ، قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا كىرگەن. ئۇ جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق 2008- يىلى ئاپرېلدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئايسىمانىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق ئەسەرنىڭ 10- قىسمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا تاماملانماقچى. بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئايسىما ئاساسلىقى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلىدىغان ئاكادېمىيە ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئۇ يەرلەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى تۈركىي ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت تېكستلەر ۋە ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. لېكسىيىدىن كېيىن ئاتاقلىق تىلشۇناس، تەتقىقاتچى، ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇھەممەدئېلى ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى قاتارلىقلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىنجاڭدىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان بارلىق تەتقىقاتچى خادىملار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي دوكلاتقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل يېزىقى خىزمېتى كومىتېتىدىن مەمتېلى ئەپەندى، مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، تاھىر ئابدۇۋەلى، ئابدۇغاپپار، جەمىلە ساتتار، ئانارگۈل، ئابلىمىت قۇربان، ئەلى ئەركىن قاتارلىقلار؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىدىن مۇنەۋۋەر ئابدۇرېھىم، غەيرەت ئا ئوزغار، تۇرنىسا روزى، گۈلنار ئېزىز قاتارلىق تەتقىقاتچى خادىملار قاتناشتى ۋە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تىل تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەنگەن ۋە ئىشلىنىۋاتقان تەتقىقات تېمىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى پىلانلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىدىن گۈلنار ئېزىز تەمىنلىگەن.

1

.