2008年9月19日星期五
شىبە تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى (مۇھىم مەزمۇنى)
بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى: 1. ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىدىكى ھەرپلەر ۋە ئېلىپبە 2. شىبە يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى 3. ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ كونكرېت پرىنسىپلىرى، ئاساسلىقى: (1) مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئاساس، فونېتىكىلق پرنسىپنى قوشۇمچە، تارىخىي پرىنسىپقا ھۆرمەت قىلىش؛ (2) سۆزلەرنى قوشۇپ يېزىش، ئايرىپ يېزىش، قىسقارتىپ يېزىش، قۇر يۆتكەش قائىدىلىرى؛ (3) ئېغىز تىلىدىكى ئادەت سۆزلىرىنى يېزىق تىلىغا كىرگۈزۈش قائىدىسى؛ (4) چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىش قائىدىسى؛ (5) تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1994-يىلى «ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى» ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2000-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تۈزگەن «ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»، غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق شىبە تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنى»دا ماقۇللاندى. يىغىندىن كېيىن قايتا تۈزىتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 8-ئايدا ئېلان قىلىپ يولغا قويدى.">
1
.