2008年9月19日星期五
غەربىي دىياردىكى تىل-يېزىق تەتقىقاتى
قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 11-ئەسىردە، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە تۈرك يېزىقىدىكى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالىدىغان بۈيۈك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۈزۈپ چىققان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې يىللىرىدا يات قوۋۇملار سارىيى (كېيىن تەرجىمانلار سارىيى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) تەسىس قىلىنىپ «قۇجۇ مەھكىمىسى تۈمەل بىلىملىرى»، «قۇجۇ مەھكىمىسى دەرسلىكلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر تۈزۈلگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، «ئۇيغۇر مەھكىمىسى دەرسلىكلىرى»، «ئۇيغۇر مەھكىمىسىگە كەلگەن خەت-چەكلەر»، «ئۇيغۇر مەھكىمىسى تۈمەل بىلىملىرى»، «ئۇيغۇر مەھكىمىسى سۆزلۈكلىرى»، «تىبەت مەھكىمىسىگە كەلگەن خەت-چەكلەر»، «تىبەت مەھكىمىسى تۈمەل بىلىملىرى»، «تىبەت تەرجىمە سۆزلۈكلىرى»، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»، «غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى»، «غەربىي يۇرت پاساھەتلىك سۆزلىرى» قاتارلىق ئەسەر ياكى لۇغەتلەر دۇنياغا كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىملار، مىللەتلەر تىل-يېزىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئالدى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى يېزىقلارنى تەتقىق قىلىشتىن باشلاپ، كىنگىت-كۈسەن يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، تۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، مانى يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ زور بىر تۈركۈم قىممەتلىك ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان ياكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بەزى چەت ئەللىك ئالىملار غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى يېزىقلاردا يېزىلغان يازما ھۆججەتلەر ۋە ئابىدىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەنىسىنى يېزىپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مىقياسىدا غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى يېزىق ۋە يازما ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش دولقۇنى قوزغالغان. بۇ مەزگىلدىكى ئاساسلىق نەتىجىلەردىن: «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما ھۆججەتلەر» قاتارلىق 40 نەچچە پارچىسى، تۈركىي تىل تەتقىقات جەھەتتە «قەدىمكى تۈرك تىلى گرامماتىكىسى»قاتارلىق 50 نەچچە پارچىسى بار.">
1
.