2008年9月21日星期日
ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش تەجرىبە
رايوننىڭ شەھەر تىل-يېزىقىنى باھالاش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ئاقسۇ شەھىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش كۆرىكى ئۆتكۈزدى. دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش، سەۋىيە سىناش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن چىجۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تىلكوم پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيې يۈەنيى، مۇدىرى مۇھەممەد ئېلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتلىرى مۇدىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش، سەۋىيە سىناش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن چىجۇ دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇھىم سۆز قىلدى. شىنجاڭنىڭ تىل-يېزىق باھالاش خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى باھارگۈل سەمەت ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تىلكومنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئېلى شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تىلكوم پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيې يۈەنيى يىغىننى خۇلاسىلىدى. ئۇ جايلارنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرىغا ئىككىنچى تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش، ئىككىنچى تۈردىكى شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى تاماملىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۈچىنچى تۈردىكى شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى تېزرەك قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاقسۇ شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش تەجرىبە-ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئاقسۇ شەھىرى لەنگەر كوچا باشقارمىسى قاتارلىق 5 ئورۇننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆرەك قىلدى. ۋەكىللەر كۆرەك قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاش، ئۆزئارا سۆھبەتلىشىش، ئارخىپ كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشتىكى كونكرېت ئۇسۇل ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات تەرتىپىنى ئىگىلىدى ۋە سىستېمىلىق ئۆگەندى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز رايونىدىكى شەھەر تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم رولغا ئىگە. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ئاقسۇ شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىگە تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش بويىچە ئېتىراپ ۋىۋىسكىسى تارقىتىپ بەردى.">
1
.