2008年9月19日星期五

شىنجاڭدا ھازىر قوللىنىۋاتقان تىل-يېزىق تەتقىقاتى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئىلگىرى، ئىملا ۋە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى. 80-يىللاردىن كېيىن، تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەشكە يۆتكەلدى. بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە: A. فونېتىكا جەھەتتە: ئۈرۈمچى دىئالېكتى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىلى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇجەھەتتە ئاساسلىقى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى» (ئاپتورلىرى: ئامىنە غاپپار، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، خەلىم سالىخ، سابىت روزى، غاپپار جالالىدىن) قاتارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. B. گرامماتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: ئاساسلىقى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەسۋىرىي گرامماتىكىسى» (ئاپتورى: خەمىت تۆمۈر)، «ئۇيغۇر تىلىدا تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى» (ئاپتورى: راخمان خانبابا) قاتارلىق 10 غا يېقىن مەخسۇس ئەسەر ۋە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلدى. C. ئىملا، تەلەپپۇز تەتقىقاتى: بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسلىقى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز-ئىملا لۇغىتى» (ئاپتورى: ئامىنە غاپپار، ئېلى ئابىت، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئابدۇرېشىت سابىت، ھىمىت سەمەت، تاھىر ئابدۇۋەلى) قاتارلىقلار. بۇلاردىن باشقا يەنە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا قائىدىسىدىن ساۋات»، «ئوقۇغۇچىلار ئىملا لۇغىتى» قاتارلىقلار بار. D. لۇغەت تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسلىقى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى» 6~1 توم (ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى كوللېكتىپ تۈزگەن)، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» قاتارلىقلار. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىكلىرى، كومىتېتلىرى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل ئاساسىي قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈر «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» مۇ تاماملاندى. «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت» مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم تىل تەتقىقات تۈرلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەت مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ قوللىغان. لۇغەت تۈزۈش خىزمىتى 1999-يىلى 7-ئايدا باشلىنىپ، 7 يىل تىرىشىش ئارقىلىق تاماملاندى، 2006-يىل 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلدى. بۇ لۇغەتكە ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە سۆزلەر سېلىشتۇرمىسى ۋە سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلىك مەزمۇنلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەرجىمىسى بولۇپ جەمئىي 60 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك كىرگۈزۈلدى، مەزمۇنى ئەدەبىي تىل، دىئالېكت، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق تىلىدىكى سۆزلۈكلەر بولۇپ قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەر قايسى پەنلەردە دائىم قوللىنىپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا بۇ لۇغەت نوپۇزلۇق لۇغەت ھېسابلىنىدۇ.2002-يىل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا-تەلەپپۇز سەۋىيىسىدىن سىناق ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى قېلىپلاشقان پروگرامما سۈپىتىدە، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا-تەلەپپۇز سەۋىيىسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى»نى تەتقىق قىلىپ نەشردىن چىقاردى. شۇ يىلى يەنە، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىش قائىدىسى»نى تەتقىق قىلىپ نەشردىن چىقاردى، بۇ قائىدە 2003-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلىرىدە قوللىنىلدى.
2. خەنزۇ تىلى تەتقىقاتى 1986-1983 يىللىرى، «شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ جايلىشىشى» دېگەن تېمىنى تەتقىق قىلغۇچى گۇرۇپپا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلى دىئالېكتلىرىنى بېيجىڭ تىلى شىمالىي شىنجاڭ بۆلىكى، لەنجۇ-يىڭچۇەن تىلى شىمالىي شىنجاڭ بۆلىكى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىلى جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلدى. ليۇلىلى، جۇلېيلار يازغان «شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ رايونلارغا بۆلۈنىشى» دېگەن ماقالە، «جۇڭگو تىل خەرىتىسى توپلىمى B5-خەرىتە»گە كىرگۈزۈلگەن. (شياڭگاڭ لاڭۋىن <يىراق شەرق> نەشرى چەكلىك شىركىتى 1987-يىل نەشر قىلغان). «7-بەش يىل»لىق نۇقتىلىق تۈر «شىمالىي دىئالېكت سۆزلىرىنى تەكشۈرۈش» جەريانىدا شىنجاڭلىق ئالىم ياڭ شاۋمىن، لىن دۇەنلەر ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى دىئالېكتى نۇقتىسى ۋە قۇمۇل دىئالېكتى نۇقتىسىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى ۋە سۆزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى «پۇتۇڭخۇانىڭ ئاساسىي دىئالېكتىلىرىدىكى ئاساسلىق سۆزلەر توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن (تىل-ئەدەبىيات نەشرىياتى 1996-يىل نەشر قىلغان). بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ تىلى تەتقىقاتى بويىچە يېزىلغان ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەرلەردىن ئاساسلىقى «شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىئالېكتىلىرى لۇغىتى» (ئاپتورى: چېڭ رۇلى، جۇلېي، ۋاڭ يەن)، «جىمىسار دىئالېكتىلىرى تەزكىرىسى» (ئاپتورى: جۇلېي، ۋاڭ يەن)، «شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىئالېكتىنىڭ گرامماتىكىسىدىن مۇھىم بايان» (ئاپتورى: چېڭ رۇلى)، «خۇيزۇلارنىڭ ئۈرۈمچى تىلى تەزكىرىسى» (ئاپتورى: ليۇلىلى) قاتارلىقلار بار . 2002-يىلى، شىنجاڭ خەنزۇ تىلى جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «تىلشۇناسلىق، خەنزۇ تىلى، قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدى. بۇ كىتابتا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى ۋە پەن-تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي تاپقۇزۇش ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش كېرەك. قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، دېگەندەك مۇھىم كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كىتاب يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خەنزۇ تىلى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىدۇر.
3. قازاق تىل-يېزىقى تەتقىقاتى A. دىئالېكت تەتقىقاتى جەھەتتە: مەيلى چېگرا ئىچى ياكى سىرتى (قازاقىستان)دىكى قازاق تىلىدا بولسۇن، ئاساسەن دىئالېكت پەرقى يوق دېگەن يەكۈن چىقىرىلدى. B. فونېتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: قازاق تىلىنىڭ ئۆلچەملىك فونېتىكا سىستېمىسى تۇرغۇزۇلدى. ئاساسلىقى «قازاق تىلىنىڭ تاۋۇش ئورنى سىستېمىسى ھەققىدە يۈزەكى تەھلىل» (ئاپتورى: خۇاڭ جۇڭشياڭ)، « قازاق تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە» (ئاپتورى؛ تۇرسۇن مۇقاش)، «قازاق تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ سوزۇلۇشى» (ئاپتورى: باۋۇرجان نۇرسالى)، شۇنىڭدەك تاۋۇش سېلىشتۇرمىسى تەتقىقاتى جەھەتتىكى « تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى تۆت تىلنىڭ سوزۇق تاۋۇشى ھەققىدە» (ئاپتورى: غىلاجىدىن ئوسمان)، «قازاق تىلى ئۈزۈك تاۋۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۈزۈك تاۋۇشى ھەققىدە تەھلىل» (ئاپتورى: جاناربېك ئاساۋقان) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلار ئېلان قىلىندى. C. ئىملا، تەلەپپۇز تەتقىقاتى جەھەتتە: ئاساسلىقى «قازاق تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى» (ئاپتورى: ئاپتونوم رايونلۇق مىلەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەتقىقات بۆلۈمى)، «قازاق تىلى ئىملا قائىدىسى» (ئاپتورى: يۇقىرىقىدەك)، «قازاق تىلى ئىملا لۇغىتى» (ئاپتورى: يۇقىرىقىدەك)، « قازاق تىلى تەلەپپۇز قائىدىسىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» (ئاپتورى: نۇرغابىل سۇلتانشارىپ)، « قازاق تىلى تەلەپپۇز قائىدىسى ھەققىدە» (ئاپتورى: ئومارقان ئاسىلقان)، «تىل ۋە ئۇنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرى ھەققىدە» (ئاپتورى: تۇرسۇن مۇقاش) قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلدى. D. لېكسىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، سۆز مەنىسى، قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر، سۆزلەرنىڭ ئېتېمولوگىيىسى ۋە مەلۇم تۈردىكى سۆزلەر ئاساسلىق تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىن تارتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە شەخسلەرگىچە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. E. تەتقىقات ئەسەرلىرى: «8-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايون تەتقىقات تېمىسى «ھازىرقى زامان قازاق تىلى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تېما گۇرۇپپىسى تاماملاپ، 2002-يىل 9-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ كىتاب قازاقچە، قاتتىق مۇقاۋىلىق بولۇپ، ئومۇمىي خەت سانى 600 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ كىتاب، شىنجاڭدىكى قازاق تىلى تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئالىملىرى17 يىل تىرىشىپ تاماملىغان، خېلى يۇقىرى نوپۇزغا ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر. بۇكىتاب 2003-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ 4-نۆۋەتلىك كىتاب باھالاش پائالىيىتىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
4. قىرغىز تىل-يېزىقى تەتقىقاتى A. فونېتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: ئاساسلىقى «قىرغىز تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇقلار ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىرى» (ئاپتورى: مەمبەت ئاسان ئېركىن)، «قىرغىز تىلى تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئالتە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنىڭ تاۋۇش ئورنى» (ئاپتورى: قامان تۆكېن)، «قىرغىز تىلىدىكى يۇمشاق تاۋۇش بەلگىلىرى ھەققىدە» (ئاپتورى: جۇما قادىر)، «ئاقچى قىرغىزلىرىنىڭ تىلىدىكى تاۋۇش ئورنى ھەققىدە» (ئاپتورى: جۇماباي) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلار بار. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش، كىتاب نەشر قىلىش ۋە قىرغىز تىلىنى قوللىنىش جەھەتلەردە يېتەكچى رول ئوينىدى. B. گرامماتىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: ئاساسلىقى مورفولوگىيە، سېنتاكسىس تەتقىقاتى ئىشلىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۇرغۇن ماقالىلار ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىدىن «قىرغىز تىلىدىكى كېلىشلەر ۋە جۈملە تەركىبلىرى» (ئاپتورى: ئاسقار جۇمالى)، «ياردەمچى سۆزلەر ھەققىدە قاراشلىرىم» (ئاپتورى: قۇجۇمباي ، مەتېل)، « قىرغىز تىلىدىكى مىقدار سۆزلەر» (ئاپتورى: تۇردالى كۆچكىن) قاتارلىقلار بار. C. لېكسىكا تەتقىقاتى جەھەتتە: ئاساسلىقى سۆزلەرنىڭ قاتلىمى ۋە ئالاھىدىلىكى، سۆزلەرنىڭ ئېتېمولوگىيىسى، تۇراقلىق ئىبارىلەر، سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى قاتارلىق تەتقىقاتلار ئىشلىنىپ، نۇرغۇن ماقالىلار ئېلان قىلىندى. D. دىئالېكت تەتقىقاتى: بۇ جەھەتتە شىنجاڭ قىرغىزلىرىنىڭ تىلى كۈنگەي دېئالېكتى ۋە تەسكەي دىئالېكتىدىن ئىبارەت ئىككى دىئالېكتكە بۆلۈنۈش كېرەك دەپ قارايدىغانلار ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ كەلدى. ۋەكىلىك ماقالىلاردىن «جۇڭگو قىرغىزلىرى تىلىدىكى دىئالېكتلارنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى» (ئاپتورى: خۇجېڭخۇا)، «قىرغىز تىلى دىئالېكتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» (ئاپتورى: مەخسۇت)، «شىنجاڭدىكى قىرغىز دىئالېكتى ھەققىدە» (ئاپتورى: ماكەلەك ئۆمۈرباي) قاتارلىقلار بار. E. تەتقىقات ئەسەرلىرى: «ئېلىپبە»، «ئانا تىل»، «قىرغىز تىلى» (ئاپتورى: ئابباس دولات)، «قىرغىز تىلىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى» (ئاپتورى؛ خۇجېڭخۇا)، «ھازىرقى زامان قىرغىز تىلى» (ئاپتورى: نورۇز ئۆسەنئالى) قاتارلىقلار.
5. شىبە (مانجۇ) تىل-يېزىقى تەتقىقاتى A. ئاساسلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى (لۇغەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ): «شىبە تىلى قىسقىچە تەزكىرىسى» (ئاپتورى: لى شۇلەن، جۇڭ چيەن). «شىبە تىلى ئېغىز تىلى تەتقىقاتى» (ئاپتورى: لى شۇلەن، جۇڭ چيەن، ۋاڭ چىنفېڭ)، «شىبە تىلى گرامماتىكىسى» (ئاپتورى: ياڭ چېڭيۈەن، تۇچىچۇن)، «ھازىرقى زامان شىبە تىلى» (ئاپتورى: تۇڭجا چىڭفۇ، گوشيۇچاڭ، جالۇئا)، « غەربىي يۇرتتىكى شىبەلەر» (ئاپتورى؛ تۇڭجا چىڭفۇ)، « شىبە تىلى لېكسىكىسى» (ئاپتورى: گوشيۇچاڭ)، «خەنزۇچە-شىبەچە قىسقىچە سېلىشتۇرما لۇغەت» (ئاپتورى: ۋۇۋېنلىڭ، گۇەن شەنباۋ) قاتارلىقلار، «يېڭى مانجۇچە-خەنزۇچە لۇغەت» (باش تۈزگۈچى: خۇزېڭيى)، «خەنزۇچە-شىبەچە لۇغەت» (باش تۈزگۈچى: «خەنزۇچە-شىبەچە لۇغەت» تېما گۇرۇپپىسى)، «شىبەچە-خەنزۇچە ئوقۇتۇش لۇغىتى» (باش تۈزگۈچى: ياڭ چېڭيۈەن، يىجىنتەي، فۇلۇنتەي)، «بىرتىللىق مانجۇچە لۇغەت» (باش تۈزگۈچى: تۇڭجاچىڭفۇ) ، «مانجۇچە-خەنزۇچە لۇغەت» ( باش تۈزگۈچى: گېتۇكىن، جالۇئا) قاتارلىقلار. B. ئىملا، تەلەپپۇز تەتقىقاتى جەھەتتە: «ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى» (ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان، ئاپتورى: تۇڭجاچىڭفۇ، چىچېشەن، گوچىڭ)، «ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى» (ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان، ھەمدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، ئاپتورى: تۇڭجاچىڭفۇ، چىچېشەن، گوشيۇجاڭ، بۇ ئەسەر 1994-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر پەلسەپە ، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، «ھازىرقى زامان شىبە ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» (ئاپتورى: تۇڭجاچىڭفۇ) قاتارلىق ئەسەرلەر بار. C. قوش تىل تەتقىقاتى جەھەتتە: «جۇڭگو شىبەلىرى قوش تىل تەتقىقاتى» (دۆلەت تەتقىقات نەتىجىسى، ئاپتورى: تەتقىقات تېمىسى گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، نەشر قىلغان كىتابنىڭ باش تۈزگۈچىسى تۇڭجاچىڭفۇ، بۇ ئەسەر 1996-يىل ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنەۋۋەر پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، « شىبەچە-خەنزۇچە سۆزلىشىش قوللانمىسى» (ئاپتورى: جىنيىڭجى، جىننىڭ) قاتارلىق ئەسەر ۋە ماقالىلەر بار. D. دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېما تەتقىقاتى: «8-بەش يىل»، «9-بەش يىل» مەزگىلىدە تاماملانغان دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن «جۇڭگو شىبەلىرى قوش تىل تەتقىقاتى» جەمئىي 6 باب 24 پاراگراف، 330 مىڭ خەت؛ «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا قوللىنىدىغان شىبە يېزىقىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى»؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن «خەنزۇچە-شىبەچە لۇغەت» 54 مىڭدىن ئوشۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن، «كومپيۇتېردا شىبە، مانجۇ يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېنىك باسما سىستېمىسى» قاتارلىقلار بار.">
يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-7

1

.